كۆزقاراشلار OneNote تا شەكىللىنىدۇ

ئەپنى چۈشۈرۈش

چۈشۈرۈش


ئۇسلۇبىڭىزنى قۇرۇش

ئىلھام كەلگەندە ئوي-پىكرىڭىزنى قولياغلىق ياكى چاپلاق دېگەندەكلەرگە قالايمىقان يازامسىز؟ ياكى خاتىرىلىرىڭىزنى رەتلىك تۇتامسىز؟ مەيلى قانداقلا بولسۇن، OneNote سىزگە ياردەمچى بولالايدۇ. خۇددى قەلەمدە قەغەزگە يازغاندەك ۋە سىزغاندەكلا ئىشلىتەلەيسىز. رەسىملىك كۆزقاراشلارنى توردىن ئىزدەپ قىيالايسىز.

Windows 10 دىكى OneNote نى كۆرسىتىدىغان تاختا كومپيۇتېر

خالىغانلار بىلەن ھەمكارلىشىش

گۇرۇپپىڭىز بۇ ئەسىردىكى ئەڭ قايىل قىلارلىق كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئائىلىڭىز چوڭ يىغىلىش ئۈچۈن زىياپەت تەييارلاۋاتىدۇ. قەيەردە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇلار بىلەن ماسقەدەملىك تۇرۇڭ.

تاختا كومپيۇتېردا OneNote ئارقىلىق ئىشلەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىمى

كۆزقاراشنى سىزىش

قەلەم ياكى بارماق ئارقىلىقلا تەييارلاش، بەلگىلەش، سىزىش مەشغۇلاتلىرىنى قىلالايسىز. قوليازما خاتىرە قالدۇرۇپ، كېيىن باسما تېكىستقا ئايلاندۇرالايسىز. مۇھىم كۆزقاراشلارنى رەڭ ياكى شەكىللەر بىلەن گەۋدىلەندۈرەلەيسىز.

Surface قەلىمى ئارقىلىق سىزىلغان يارقىن رەڭلەر

خالىغان يەردىن كىرىش

خاتىرە يېزىڭ. خاتىرىلىرىڭىزنى تورسىز ھالەتتىمۇ چىقىرالايسىز. خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزدا يېزىشنى باشلاپ، تېلېفونىڭىزدا يېڭىلىيالايسىز. OneNote ھەرقانداق ئۈسكۈنە ياكى سۇپىدا ئىشلەيدۇ.

iPad, iPhone ۋە Apple Watch تا كۆرسىتىلگەن OneNote نىڭ رەسىمى




Office تا تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيدۇ

OneNote سىزگە تونۇش Office جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى. Outlook تورخەتلىرىدىن ئالغان نۇقتىلار ئارقىلىق خاتىرە شەكىللەندۈرۈش بولسۇن ياكى Excel جەدۋىلى قىستۇرۇش بولسۇن، بارلىق ئامراق Office ئەپلىرىڭىزنى تەڭ ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايسىز.

ئىشخانا بىناسىنىڭ رەسىمى

سىنىپتا ئۆزئارا باغلىنىش

ھەمكارلىق بوشلۇقىدا ئوقۇغۇچىلارنى توپلىيالايسىز ياكى شەخسىي خاتىرە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم-ئايرىم ياردەم بېرەلەيسىز. مەشىق-تاپشۇرۇقلارنى بېسىپ چىقىرىش ھاجەتسىز. مەركىزىي مەزمۇن ئامبىرى ئارقىلىقلا دەرس ئورۇنلاشتۇرالايسىز ۋە تاپشۇرۇق بېرەلەيسىز.

سىنىپ خاتىرىسى بايقاش

Surface Book تا كۆرسىتىلگەن OneNote نىڭ رەسىمى